«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خىتاينىڭ يالغان ئۇچۇرغا تايىنىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-07
Share

ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى 2-دېكابىر چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئامېرىكاغا قىلىدىغان ساياھەت مۇددىتىنى قىسقارتىش توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېڭى بەلگىلىمە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بۇ بەلگىلىمە ھەققىدىكى باياناتىدىن قارىغاندا، بۇ بەلگىلىمە دەرھال ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن ۋە خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكا ساياھەت ۋىزىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇددىتى بىر ئاي بىلەن چەكلىنىدىكەن. بۇندىن ئىلگىرىكى ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغانلارغا مەيلى ئۇ ئادەتتىكى خىتاي پۇقراسى بولسۇن، مەيلى كومپارتىيە ئەزاسى بولسۇن، ھەممىسىگە بىردەك 10 يىللىق ئىناۋەتكە ئىگە ئامېرىكا ۋىزىسى بېرىلگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئۆزگەرتىلگەن قائىدە بويىچە خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساياھەت ۋىزىسى ئىلگىرىكىدەك كۆپ قېتىملىق كىرىش ئەمەس، بەلكى بىرلا قېتىم كىرىش بىلەنلا چەكلىنىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھازىرقى مەۋجۇت ۋىزالارنىڭ بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 3-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ قارارىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ: «بىز ئامېرىكادىكى كىشىلەرنىڭ كومپارتىيەگە بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە بىنورمال ئىدىيەسىدىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىمز،» دېگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ھازىر ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت 1979-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلـتۈرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇ قېتىم سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان جو بايدىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھۆكۈمەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردىمۇ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاسانلىقچە ئەسلىگە قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت