دونالد ترامپ تاجسىمان ۋىرۇسىنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.03.17

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن باشلانغان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكادىن ئىزدەش ئۇرۇنۇشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاۋاتقاندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاشكارا ھالدا بۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 16-مارت كۈنى خىتاي مەركىزىي تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيېچى بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىدە «ھازىر پىتنە-پاسات تارقىتىدىغان ھەمدە يالغان ئۇچۇر ئېلان قىلىدىغان مەزگىل ئەمەس. ئەكسىچە بارچە دۆلەتلەر بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئورتاق ھالدا ۋىرۇسنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان ۋاقىت» دېگەن.

17-مارت كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋېتتېردا ئۇچۇر يوللاپ «خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىمىز،» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ مەزكۇر تىۋېت ھەققىدە پىكىر قىلىپ: «بىز ئامېرىكانى بۇ خىلدىكى رەزىل قىلمىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز. بىز بۇنىڭدىن بەكمۇ خاپا بولدۇق،» دېگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كېۋىن ماككارتىي تاجسىمان ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، مايك پومپېيو بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ خىل ئاتاشلارنىڭ ھېچقانداق كەمسىتىش مەنىسى يوق،» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تىۋېتتىردا ئۇچۇر يوللاپ: «تاجسىمان ۋىرۇسنى 2019-يىلى ۋۇخەن شەھىرىدىكى ھەربىيلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋۇخەنگە تارقىتىۋېتىپ قايتىپ كەتكەن» دېگەندىن كېيىن خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن يېزىلغان نارازىلىق نوتىسى تاپشۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.