خىتايدا دىنغا ئىشەنگۈچىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان


مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي جەمئىيىتىدىكى دىنسىزلىق تەربىيىسى چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈشكە باشلىغان.

1 - نويابىر «ئىقتىسادشۇناس» ناملىق تورى بېتىدە بېرىلگەن بىر ئانالىزغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاي نوپۇسنىڭ 90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتاي مىللىتى ئارىسىدا ھەر خىل دىنغا ئىشەنگۈچىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان.

خرىستىئان دىنى ۋە بۇددا دىنى خىتاي مىللىتى ئارىسىدا كەڭ تارىلىۋاتقان دىنلاردىن ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قورۇغاندا خىتايدا 3 مىليون كاتولىك ۋە 1 مىليون پروتېستانت بارلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، ماقالىدە ئامېرىكىدىكى «پيۇ تەتقىقات جەمئىيىتى» ئۆتكۈزگەن راي سىناش نەتىجىسىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا كاتولىكلارنىڭ سانى 23 مىليونغا، پروتېستانتلارنىڭ سانى 40 مىليونغا يەتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدا خرىستىئانلارنىڭ سانىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىغان. بەزى مەلۇماتلاردا خىتايدىكى خرىستىئان چېركاۋىنىڭ سانى ھەر يىلى 10 پىرسەنتتىن كۆپىيىشكە باشلىغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتايدىكى خرىستىئانلارنىڭ سانى خىتايدىكى 87 مىليون كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىدىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقان.

ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، ئىندئاناغا جايلاشقان پرۇدۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ياڭ فېڭگاڭ 2030 - يىلىغا بارغاندا خىتايدىكى خرىستىئانلار سانى 250 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ھالبۇكى خىتايدا خرىستىئان دىنىغا ئىشەنگۈچىلەرمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنغا ئىشەنگۈچىلەردەكلا ھەرخىل بېسىم ۋە باستۇرۇشلارغا دۇچ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئۆتكەن يىلى 230 چېركاۋ «قانۇنسىز قۇرۇلۇش» دېگەن نامدا ئۆرۈۋېتىلگەن. بەزى دىنىي رەھبەرلەر تۇتۇپ كېتىلگەن.

لېكىن، شۇنداقتىمۇ خىتايدا خرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىش كۆلىمى بىر قەدەر تىز بولغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي چەكلىمە سىياسىتى باشقىچە قاتتىق بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەپلا قالماي، ئۇلارنىڭ دىنىي قىياپەتلىرىنىمۇ قاتتىق چەكلىگەن، ئاتا - ئالىملارغىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن، بوي بويسۇنمىغۇچىلارنى قاتتىق جازالىغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يىللىق دوكلاتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا زەر بېرىش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك باستۇرۇش ئوبيېكتى قىلغانلىقى تەنقىدلەنگەن ئىدى.