خىتايدا كران ئۆرۈلۈپ 18 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.04.13

چارشەنبە كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۈەن شەھىرىدە بىر چوڭ تىپتىكى كران ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 18 ئادەمنى بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، كۈچلۈك بوراندا ئۆرۈلگەن كران قۇرۇلۇش ئورنىغا ۋاقىتلىق سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۈستىگە يىقىلغان. ئەينى چاغدا بىنادا 139 ئىشچى بار بولۇپ، بۇلاردىن، 18 نەپىرى نەق مەيداندا ئۆلگەن، يەنە 18 نەپىرى ھەر خىل دەرىجىدە يارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 8 نەپەر يارىدارنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن. نۆۋەتتە دائىرىلەر ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

خىتاي ئىشلەپ چىقىرىش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا 2014-يىلى خىتايدا 66 مىڭ ئادەم خىزمەت ئورنىدىكى ھادىسە سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تېخى ئۆتكەن يىلى تيەنجىن پورتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى دەلىللەنگەن، يەنە 800 يېقىن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.