چەتئەل مەتبۇئاتلىرى: «6-ئومۇمىي يىغىن» - خىتايدىكى ھالقىلىق مەزگىلنىڭ بېشارىتى
خىتاي كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى 24-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىن بىردەك چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇھاكىمە نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم.
-
مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-10-24 -
-
-
خىتاي كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى 24-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىن بىردەك چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇھاكىمە نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم.
تەيۋەندىكى مەركىزىي ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھال خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تولىمۇ جىددىي ۋە نازۇك بىر مەزگىلگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقىغا قارىتىلغان خىرىس ۋە باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇشىغا بولغان نارازىلىق مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىدىكەن.
«ۋال سىترېت گېزىتى» نىڭ بايانلىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىن شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىلىدىكى 19-قۇرۇلتايدا ئۆز ھوقۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنى پۇختىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئالتە ئاي ئىچىدە شى جىنپىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى قول سېكرېتارلىرىدىن ئون نەچچە كىشىنى يەڭگۈشلەپ بولغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھوقۇقدار شەخس جاڭ چۈنشيەنمۇ شۇ قاتاردا ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.
رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، يىغىن ھارپىسىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەرزدارلار قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى نەزەربەند قىلىنغان.