خىتاينىڭ ياللانما ئىنكاسچىلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارشى توردا ھەرىكەت قوزغىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-04-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بىر تۈركۈم ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر تور ئەزالىرى بۈگۈن يەنى 10-ئاپرېل كۈنى ئاتالمىش ئاممىۋى ئىنكاس ھەرىكىتى قوزغاپ، غەربنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئاتالمىش «يالغانچىلىقلىرى» غا زەربە بەرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ، خىتاي تور ئەزالىرى ئاتالمىش «شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى» نىڭ فەيسبوك بەتلىرىگە 20 مىنۇت ئىچىدە 1000دىن ئارتۇق ئىنكاس يازغان.

ئىنكاسلاردا 2009‏-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى، 2014‏-يىلدىكى كۇنمىڭ ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش تەرەققىياتلارغا ئائىت رەسىملەر يوللانغان ۋە پىكىر بايان قىلىنغان.

خەۋەردە بۇ ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر ئىنكاسچىلارنىڭ سانىنىڭ دەسلەپتە 2000 بولغان بولسا، بىر كۈن ئىچىدە 5000 غا كۆپەيگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياللانما ئىنكاسچىلار يېڭى بىر قوشۇن ئەمەس، خەلقئارادا بىر مەھەل «ۋۇماۋداڭ» يەنى «ئەللىك تىيىنچىلەر پارتىيەسى» دەپ نام ئالغان بۇ ئىنكاسچىلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇكاپاتى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىمۇ تورلاردا باش كۆتۈرگەن ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋان سىياسەتلىرىگە چاپان ياپقان.

بۇ ئىنكاسچىلارنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىسىدىن نەپ ئېلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىنكاسلاردىن ئەجەپلەنمەيدىغانلىقى ۋە ياللانما ئىنكاسچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەلقئارا جامائەت پىكرى ئېقىمىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى بۇ ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سودىگىرى يىن يۈئەنچېڭ دېگەن كىشى ئىكەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ دېيىشىچە، «ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشكەن مەنپەئەت گۇرۇپپىلىرىدىن بىرى خىتاي قۇرۇلۇش سودىگەرلىرىدۇر».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت