خىتاي پۇتبول كوماندىسىنىڭ توكيودىكى قاتتىق مەغلۇبىيىتى خىتاي توپ مەستانىلىرىنى چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىككە پاتۇرغان
2024.09.06
5-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە، ياپونىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە يەڭگەن.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى قاتتىق مەغلۇبىيەت خىتاي پۇتبول مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلىككە پاتۇرغان، شۇنداقلا خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالغان. بۇ خىتاي دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2012-يىلى بىرازىلىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 8 گە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋېتىشىدىن بۇيانقى يەنە بىر قېتىم پۇتبول سەتچىلىكى ھېسابلانماقتىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ياپونىيە قارشى ئۆچمەنلىك تەرغىب قىلىنىپ، خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ياپونىيەگە قارشى كەيپىياتى ئۇلغىيىپ كەتكەن، شۇنداقلا تاشقى جەھەتتە ياپونىيەگە قارىتا ھەربىي كاشىلا كۈچەيتىلگەن بىر پەيتتە، پۇتبول ساھەسىدە يۈز بەرگەن بۇنداق ئېغىر مەغلۇبىيەت خىتاي پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۈمىد ۋە غۇرۇرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2015-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا مۇسابىقىلەردە قاتتىق مەغلۇپ بولغان، يەرلىك مۇسابىقىلەردە كەڭ ئومۇملاشقان چېرىكلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش ۋە كۈچلەندۈرۈشكە ۋەدە قىلغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ۋەدىسى ئارىدىن 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپمۇ بۇ قېتىم توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە ۋە گېئو-سىياسى رەقىبى ياپونىيەگە قاتتىق ئۇتتۇرۇۋېتىشىنى توسۇپ قالالمىغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇن نەق مەيداندا ياڭراتقۇ ئارقىلىق «ئورۇندىيالمايدىغان ۋەزىپە، يېڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىق، يوقىتالمايدىغان دۈشمەن يوق» دەپ شوئار توۋلىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. مۇسابىقىدىن كېيىن نەق مەيداندىكى بىر توپ مەستانىسىنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ، «سەن توپنى باشقىلاردەك تېپەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئادەمنى بولسىمۇ تەپسەڭ بولماسمىدى؟» دېگەن ۋىدىيوسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارالغان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت قاناللىرى بۇ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقىتىشنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى مۇنازىرە توختىمىغان. خەۋەردە، بىر خىتاي تور ئوبزورچىسىنىڭ «ناخشا ئېيتىش ياكى ھېكايە سۆزلەش بىلەن پۇتبولنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەنلىكى؛ يەنە بىر تور يازغۇچىسىنىڭ «پۇتبولنى ئۆزىنىڭ يولىغا قويۇپ بېرەيلى» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى خىتاي دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى دۇنيادىكى پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ دەرىجە تىزىملىكىدە 87-ئورۇنغا تىزغان بولۇپ، بىر مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بولغان خىتايدەك چوڭ دۆلەت ھەتتا كارىب دېڭىزىدىكى ئاران 150 مىڭ نوپۇسى بولغان كۇراچاۋ ئارىلىنىڭمۇ ئارقىسىدا قالغان.