بۈگۈن، يەنى 19-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە 5-نۆۋەتلىك خىتاي - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاخبارات مىنىستىرلىرى مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي، ئافغانىستان، بېلارۇسىيە، كامبودژا، مىسىر، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، پاكىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات مىنىستىرلىرى، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ھەمدە تاراتقۇ مەسئۇللىرى مەزكۇر يىغىلىشقا قاتناشقان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر مۇھاكىمە مۇنبىرى «ئۆز-ئارا باغلىنىش ۋە چۈشىنىش - تاراتقۇ ھەمكارلىقىدىكى يېڭى پۇرسەتلەر» دېگەن نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي يۈيىڭ سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» نەزەرىيىسى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.
مۇھاكىمە مۇنبىرىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات مىنىستىرلىرىمۇ سۆز قىلىپ، تاراتقۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنىڭ ياۋرو-ئاسىيا رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى ئۇششاق دۆلەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۈرۈمچىدە تاراتقۇ ھەمكارلىقى بويىچە مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشى خىتاينىڭ ئاخبارات ۋە ئۇچۇر قامال قىلىشتا دۆلەت ھالقىغان كونتروللۇق سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر، دەپ ھېسابلىماقتا.
