خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان باجنى ئۆستۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.04.03

خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق پولات مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان باجنى 46 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئەزەلدىنلا مەۋجۇت جىددىيلىكنى ئۇلغايتىش خەۋپى شەكىللەندۈرگەن.

خىتاي مەزكۇر قارارىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولاتلارنىڭ بازىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مەزكۇر قارار ياۋروپا ئىشچىلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن.

بۇ خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئەنگلىيەدە مەشغۇلات قىلىۋاتقان تاتا پولات سانائىتى شىركىتى بازار كۆتۈرمەي قالسا شىركەتنىڭ ئەنگلىيە زاۋۇتلىرىنى سېتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

شەنبە كۈنى ئەنگلىيەدىكى تاتا پولات سانائىتى شىركىتى قاتارلىق سانائەتلەرگە قارايدىغان ئىشچىلار، سودا سائەتچىلەر بىرلىكى ۋېلش پورت تالبوت رايونىدا نامايىش قىلىپ، پولات ئىشچىلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.

ۋېلش تور گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشقا 200 ئەتراپىدا ئادەم قاناشقان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا يادۇر بىخەتەرلىكى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى داۋىد كامېرون خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن خىتاي ياۋروپا پولات مەھسۇلاتلىرىغا قويماقچى بولغان باج مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، كامېروننىڭ بايانچىسى مۇنداق دېگەن: «كامېرون ئەپەندىم دۇنيا پولات سانائىتى مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاينىڭ ئالىدىغان قويدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خىتاي پولات مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان جازا بېجىنى 266 پىرسەنت ئۆستۈرگەن، ئەمما ئەنگلىيە ياۋروپا دائىرىلىرىنىڭ خىتاي پولات مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش شەكىلدە باج قويۇشىغا قارشى چىققان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.