خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى زېلاندىيەدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېڭى زېلاندىيەدىكى «خەۋەر مەركىزى» قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سكوت بروۋن شۇ جايدىكى «ئەتىگەنلىك سۆھبەت» پروگراممىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دىيارىدا «يىغىۋېلىش لاگېرى» قۇرغان ئىشتىن ئەمەلىيەتتە يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرىنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

سۆھبەتتە سكوت بروۋن بۇ ھادىسىلەرنى «بۇ پەقەتلا قاملاشمىغان بىر قىلىق» دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن ھەمدە بۇنىڭ تولىمۇ سەلبىي ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

14-ئۆكتەبىر كۈنى يېڭى زېلاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «شىنجاڭدىكى ئىشلار بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز. چەتئەللىكلەرنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھەققى يوق. بىز ئۇ جايدا تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلى ئىيۇلدا 22 دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەندە، يېڭى زېلاندىيەمۇ بۇ ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت