بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 3-ئومۇمىي يىغىن مەزگىلىدە خىتاي ئەرزدارلىرىنىڭ نامايىشى ئۈزۈلمىدى
2013.11.12
9-نويابىر شەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان خىتاينىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى 12-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئاياغلاشتى. گەرچە دائىرىلەر يىغىن مەزگىلىدە ھەرقايسى جايلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئەرزدارلىرىنىڭ بېيجىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم بولدى.
يىغىن مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان، ئەمما 9-نويابىردىن باشلاپ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئەرزىيەت ئىدارىلىرى قاتارلىق جايلارغا يىغىلغان ئەرزدارلار ھەر خىل تەشۋىقات تاختىلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا شوئار توۋلاپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتىكى قانۇنىي تۈزۈملىرىنى ئۆزگەرتىشكە، پۇقرالارنىڭ ھالىغا يېتىشكە، ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاپ، پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاشقا چاقىرغان.
خىتاي پۇقرالىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت، بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا خىتايدا يېڭى بىر ئىسلاھات قەدىمىنىڭ ئېلىنىشىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا خەلقى ئارزۇ قىلغاندەك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ يېڭىچە ئىسلاھات تەدبىرى ئالمىغانلىقىنى، خىتايدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ يەنىلا داۋاملىشىپ، دېموكراتىك ئىدىيىلەرگە قارىتىلغان تەقىب قىلىش تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.