ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپلەپ خىتاي خىزمەتچىلەر ئىشقا قوبۇل قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.09.04

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جەمئىيەتتىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش» نامىدا كەسپىي ئورۇنلارغا ئىچكىرىدىن خىتاي كادىرلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 3-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېقىندا 613 نەپەر كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان چىقارغان. ئېلاندا بۇ خادىملارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ ) سىستېمىسى، داۋالاش ۋە سەھىيە سىستېمىسى قاتارلىقلارغا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. لوپنۇر ناھىيەسى چىقارغان خىزمەت ئېلانلىرىنىڭ بىرىدە بولسا مەزكۇر ناھىيەنىڭ ساقچى سىستېمىسىغا شىتات سىرتىدا 70 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بولغاچقا بۇ خىزمەت ئېلانلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى تەبىئىي ھالدا خىتايلار بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇنچە كۆپ ساندا كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىش ئېنىقكى لاگېرلار خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈندۇر» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.