«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 ئايدىن بۇيان داۋاملىق تۆۋەنلىگەن. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇ يىل 7-ئايدىمۇ ئوخشاش تۆۋەن چىققان. بۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈمىدىنى يوققا چىقارغان.
خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەت تۈرىدىكى كەسىپلىرىدىن باشقا كەسىپلەرنىڭ كۆرسەتكۈچى 50.2 گە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە مۆلچەر بولغان 50.3 دىنمۇ تۆۋەن ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىقتىسادشۇناسلار بۇنىڭغا «ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتايدا ھازىر دۆلەت ئىچى ئىستېمالى ئاجىز بولۇپلا قالماي، ئېكسپورتمۇ ئوخشاشلا تاشقى بازار قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە» دەپ باھا بەرگەن.
ئۇلار يەنە، «خىتاينىڭ 7-ئايدىكى تۆۋەن ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئۈچىنچى پەسىل ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش ھېسابلانمايدۇ، بۇ بەلكىم دۆلەت يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئېشىشىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋال» دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ يىل خىتاي ئىقتىسادىدا داۋالغۇش ئېغىر بولغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزگەن 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاي ئىقتىسادىنى قايتا جانلاندۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى. بىراق بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ ۋەدىلەرنىڭ قانچىلىك ئىشقا يارايدىغانلىقى گۇمانلىق بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلار خىتاي ئىقتىسادىنى ئوڭشاشتا تېخىمۇ كونكرېت سىياسەتلەر كېرەك، دەپ قارايدىكەن.