ئاننى مېي فورستېر: «خىتاينىڭ زىيانكەشلىكى تەسىر قىلمىغان بىرمۇ ئۇيغۇر قالمىدى!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە زور تۇتقۇن مىليونلىغان كىشىنى مەھبۇسقا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولسا، ئۆز نۆۋىتىدە چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەممىلا ئۇيغۇرنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە روھىي پاراكەندىچىلىككە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پادىشاھلىق مېلبۇرن تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى «شەھەر ژۇرنىلى» نىڭ 10-ئىيۇن سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا دەل ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى دىشۋارچىلىقلىرى بايان قىلىنىدۇ.

ئاننى مېي فورستېر ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالىدا 1944-يىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئەڭ غوللۇق رەھبەرلىرىدىن بولغان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان چەۋرىسى نۇرىيە قاسىمىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق روھىي بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنغان. ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نۇرىيە قاسىمى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيەدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققان. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ۋەتەندىكى ئۈن-تىۋىشسىز غايىب بولۇپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالماي سەكپارە بولماقتا ئىكەن. نۇرىيە قاسىمى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «يېقىندا بوۋام تۈگەپ كەتتى. ئاپاممۇ بۇنى باشقىلاردىن ئاڭلاپتۇ» دېگەن. شۇنداقلا ئاپىسىنىڭ ھېچقانداق تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىنىڭ بولمىغانلىقى ياكى ۋەتەنگە بېرىپ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

ئاۋسترالىيەدىكى لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى قاباھەتلەرنىڭ زادى قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى خۇدا ئۆزى بىلمىسە بىز بىلمەيمىز» دېگەن.

نۇرىيە قاسىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى مېىلبۇرن شەھىرىدىمۇ بەزى نامايىشلار بولغان. بولۇپمۇ 2018-يىلى 15-مارتتا «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشى بۇ جايدىمۇ بولغان. ئەمما خېلى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار «ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا پېشكەللىك كېلىپ قالمىسۇن» دەپ بۇ نامايىشلارغا يېقىن كەلمىگەن.

ئاپتور ئاخىرىدا ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەردىن يەنىلا زور كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە ئاخبارات دۇنياسىنىڭ داۋاملىق ھالدا بۇ ئەھۋاللارنى تاشقى دۇنياغا ئەسكەرتىپ تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت