جون كېررىي خىتايغا زىيارەتكە بارىدۇ

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كىلىمات ئەلچىسى، ئامېرىكانىڭ ئوباما دەۋرىدىكى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئالدىمىزدىكى ھەپتە خىتايدا كىلىمات مەسىلىسىگە دائىر خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كىلىمات ئەلچىسى، ئامېرىكانىڭ ئوباما دەۋرىدىكى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئالدىمىزدىكى ھەپتە خىتايدا كىلىمات مەسىلىسىگە دائىر خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جون كېررىي بۇ قېتىم شاڭخەي شەھرىدە خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەتتە بولىدىغان بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئاتلانغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ھېسابلىنىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت جون كېررىينىڭ ئاسىيا زىيارىتىدىكى نۇقتىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ يەنە ئەرەب بىرلەشكە خەلىپىلىكى، بانگلادېش ) بېنگال(، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «گەرچە بىزنىڭ بەزى مەسىلىلەردىكى كۆزقاراشلىرىمىزدا پەرق بولسىمۇ بىز كىلىمات مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز» دېگەن.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان جىددىيلىك تېخى پەسكويغا چۈشمىگەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بۇ زىيارەت تېگىشلىك دىققەت قوزغىغان بولىسمۇ، ھازىرچە جون كېررىينىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتتە «پەرقلىق كۆزقاراش»، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىش-قىلماسلىقى نامەلۇم ئىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org