خىتاي ھۆكۈمىتى «قانۇنسىز تور بەتلىرى» گە كىرگەنلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن

يېقىندىن بۇيان خىتايدا چەت ئەلنىڭ تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلارنى تەكشۈرۈش تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن. ساقچىلار ئاممىۋى ئاپتوبۇس ياكى مېتروغا چىققانلارنى توساتتىن تەكشۈرۈپ، «قانۇنسىز تور بەتلىرى» نى زىيارەت قىلغۇچىلارنى تېپىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ 26-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جايلاردىكى خىتاي ساقچىلىرى يولدا كېتىۋاتقان ئادەملەرنىڭ تېلېفونىدىكى ئەپ دېتاللىرىنى ۋە تور زىيارەت خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ، ھۆكۈمەت چەكلىگەن تور بەتلىرىگە VPN ئارقىلىق كىرگەنلەرنى ئاختۇرۇشقا كىرىشكەن.

ئىنتېرنېت بارلىققا كەلگەندىن باشلاپلا، خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەلنىڭ يۇتۇب، فېيسبوك قاتارلىق داڭلىق تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ «تامدىن ئاتلىغانلار» دەپ قارىلىپ، خىتاي خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ تەھدىت ۋە بېسىملىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا تۈرمىگە تاشلانغانلىقى مەلۇم.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2022-يىل يۈز بەرگەن «ئاق قەغەز نامايىشى» دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى كوچا-كويلار ۋە ئاممىۋى قاتناشنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، قانداقتۇر «تاشقى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى» گە قارشى تەدبىر ئالغان؛ شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ تېلېفونىغا «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش دېتالى» نى مەجبۇرىي قاچىلىتىپ، بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تېلېفون ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلغان.