خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەخپىي جايدا نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان 38 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى ئازاد قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار 2015-يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتى قولغا ئالغان 300 نەپەردىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئەينى چاغدا گەرچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپى ئىپادىسى ئېلىنغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ 38 نەپىرى تېخىچە قويۇۋېتىلمىگەن. ئۇلار خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى «جىنايەت گۇماندارلىرىنى 6 ئايغىچە بەلگىلىك ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇش» ماددىسىغا ئاساسەن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون باياناتتىكى سۆزىدە «بۇ كىشىلەرنى مەخپىي جايدا تۇتۇپ تۇرۇش خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ، خىتاي قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت دېگەن سۆزىنى مەسخىرە قىلماقتا» دېگەن.

ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ 6 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنى توشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بۇ كىشىلەر ئەگەر خىتاي قانۇنىدا بېكىتىلگەن 6 ئاي ئىچىدە يەنە قويۇۋېتىلمىسە، ئۇ ھالدا بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان قانۇننى ئىجرا قىلمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 73-ماددىسىغا ئاساسەن، دائىرىلەر ئادەتتە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش»، «تېررورلۇق» ۋە ياكى زور چىرىكلىك دېلولىرىنىڭ گۇماندارلىرىنى 6 ئاي بويىچە مەخپىي بىر ئورۇندا تۇتۇپ تۇرسا بولىدىكەن. بىراق، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتايدا ھۆكۈمەتنى ۋە كوممۇنىست پارتىيىنى تەنقىد قىلغانلارنىڭمۇ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.