خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن 6 كىشى رەسمىي قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.01.12

يېرىم يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان 38 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىدىن جەمئىي ئالتەيلەننىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدا دائىرىلىرى بۇلتۇر 9-ئىيۇلدىن، 12-ئىيۇلغىچە 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنى تۇتقۇن قىلغان، بۇلارنىڭ بىر قىسمى سوراق قىلىنىپ قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما 38 نەپەر ئادۋوكات ھالا بۈگۈنگىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

بېيجىڭ فېڭرۇي ئادۋوكاتلار باشقارمىسىدىن ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەننىڭ 12-يانۋار BBC قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن ئادۋوكاتلاردىن، جۇ شىفېڭ، ۋاڭ چۈەنجاڭ، پراكتىكانت ئادۋوكات لى جۇيۈن، جاۋ ۋېي قاتارلىقلارنىڭ ئائىلىسى سەيشەنبە كۈنى ئۇلارنىڭ «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇقتۇرۇشنى تيەنجىن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئەۋەتكەن.

ئۇندىن باشقا شې ياڭ، شې يەنيى قاتارلىق ئىككى ئادۋوكاتنىڭ ئائىلىسى ئۇلارنىڭ «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان.

ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن 2014- يىلى 23-سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ياردەمچى ئادۋوكاتى ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە، ئەينى چاغدا ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان لى فاڭپىڭ بىلەن ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەنمۇ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوراق قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن سەيشەنبە كۈنى «تۋىتېر» غا ئۇچۇر يوللاپ، قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەقىبى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.