ئامېرىكىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىش تەلىپى خىتاينى نارازى قىلدى

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بىرقانچە نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنىڭ «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىپ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 14-يانۋار پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 13-يانۋاردىكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «بۇ ئادۋوكاتلارغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش» كە چاقىرىشى خىتاينى نارازى قىلغان.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە 14-يانۋار پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نارازىلىق باياناتى بېرىپ، «چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ ئەدلىيە قانۇن ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، خالىغانچە ئارىلاشماسلىقى كېرەك» دېگەن.