ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينى تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.02.16

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى زەئىد رائاد ئەل ھۈسەيىن 16-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇلتۇر 7-ئايدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ھۈسەيىن سۆزىدە: «خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ» دېگەن. ھۈسەيىن يەنە ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن خوڭكوڭلۇق 5 نەپەر كىتاب سودىگىرىنىڭ غايىب بولۇش ۋەقەسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ: «ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى بىزنى ئەنسىرىتىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن ئادىل، ئاشكارا مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

خوڭكوڭدىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، 250 نەپەر ئادۋوكات تۇتقۇن قىلىش ۋە سوراق قىلىش قىسمىتىگە ئۇچرىغان. نۆۋەتتە ئۇلاردىن 19 نەپىرىنىڭ «ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان»، «ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدە قۇتراتقۇلۇق قىلىش رولىنى ئوينىغان» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ، رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.