2015 يىل 9-ئىيۇلدا تۇتۇلغان ئادۋوكاتلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى چېگرادىن چىقىرىلمىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.04.05

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئادۋوكاتلارنى تۇتۇش-سوراق قىلىش ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشى چەكلەنگەن.

شې ياڭنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى جاڭ جۇڭشى 5-ئاپرېل رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ، 9-ئىيۇل ئاۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە تۇتۇلغان ئادۋوكات شې ياڭنىڭ ئايالى چېن گۇيچىيۇ 4-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭغا ساياھەتكە بارماقچى بولغىنىدا، « دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئىھتىمالى بار» دېگەن باھانىدە چېگرادا توسۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادۋوكات جاڭ جوڭشى يەنە شې ياڭنىڭ ئايالى چېن گۇيچىيۇنىڭ چېگرادىن چىقىرىلماسلىقىغا، يېقىندا 9-ئىيۇل تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۇرۇق ‏-تۇغقانلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا يازغان، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان ئىمزالىق خەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇلتۇر 9-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە داۋاملاشقان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش سوراق قىلىش ۋەقەسىدە تەخمىنەن 300 گە يېقىن ئادۋوكات تۇتقۇن قىلىنىش، سوراق قىلىنىش قىسمىتىگە يولۇققان. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 40 تەك كىشى خىتاي چېگراسىدىن چىقماقچى بولغاندا تۇتۇپ قېلىنغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلھام توختىنىڭ ئىككى نەپەر ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىنىڭ بىرى ليۇ شاۋيۈەننىڭ ئوغلىمۇ چېگرادىن چىقىشى چەكلەنگەنلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 9-ئىيۇل تۇتقۇنىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ليۇ شاۋيۈەن قاتارلىق 13 نەپەر ئادۋوكات ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.