خىتاي ئادۋوكات گاۋ جىشېڭ يەنە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن

ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گاۋ جىشېڭ يېقىندا ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابىنى خوڭكوڭدا نەشر قىلدۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گاۋ جىشېڭنىڭ قىزى ۋە بەزى پائالىيەتچىلەر، يېقىندا گاۋنىڭ قىزى خوڭكوڭدا ئۇنىڭ «2017-يىلى، خىتاي ئورنۇڭدىن تۇر» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، گاۋ جىشېڭنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گاۋ جىشېڭنىڭ مەزكۇر كىتابتا ئۆزىنىڭ بەش يىللىق سىياسىي مەھبۇسلۇق ھاياتىدا بېشىدىن كەچكەنلەرنى بايان قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى ناملىق خىتاي دىنىي تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى، پوپ بو شيۇچيۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى كىتاب نەشر مۇراسىمىدىن كېيىن يەرلىك ساقچىلار گاۋ جىشېڭنىڭ شەنشىدىكى ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا تەھدىت سالغان.

پوپ بو شيۇچيۇ، گاۋنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە «خىتايغا ياردەم جەمئىيىتى» گە ئۇچۇر بەرگەن بىلەن بىر كىشىنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گاۋ جىشېڭ 2010‏-يىلى ئۈرۈمچىدە بىر قېتىم قولغا ئېلىنغان. 2014‏-يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىنغان ئىدى.