خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئادۋوكات رېن چۈئەننيۇنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى
2016.07.14
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 14-ئىيۇل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنى قانۇنسىز ھالدا قولغا ئېلىنغان ئادۋوكات رېن چۈئەننيۇنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىردى. باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، رېن چۈئەننيۇ يېقىندا قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جاۋ ۋېينىڭ ئادۋوكاتى بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىغا ئۇچۇر يوللاپ، جاۋ ۋېينىڭ تۈرمىدە ساقچىلارنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن 9-ئىيۇل كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن.
جېڭ جۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئۇنى « قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، تەرتىپنى بۇزغان» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئۆز تور بېتىدە رېن چۈئەننيۇنىڭ « ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقىنى» ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، ئۇ 11-ئىيۇل كۈنى تۈرمىگە ئۆزىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن ئادۋوكاتىغا بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتىپ، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى رەت قىلغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، ئادۋوكات رېن چۈننيۇنىڭ تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش ياكى ساراڭ قىياپىتىدە داۋالىنىشقا ئېلىنىپ جازالىنىش ئېھتىماللىقىنى بارلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلات يەنە دائىرىلەرنى ئۇنى دەرھال قويۇۋېتىشكە ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ قاماقتىكى جەريانىدا توغرا مۇئامىلە كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
خىتايدا پۇقرالار ھوقۇقى ئادۋوكاتلىرىنىڭ جازاغا ئۇچراش مەسىلىسى خەلقئارا ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل دىققىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىدى.









