بۈگۈن، خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى 180 دۆلەتنى ئاخبارات ئەركىنلىك دەرىجىسىگە قاراپ رەتكە تىزىپ چىقتى. خىتاي بۇ تىزىملىكتە 176-ئورۇنغا تىزىلىپ، ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
دوكلاتتا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا قانۇن-تۈزۈملەر ئارقىلىق ژۇرنالىستلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى ئىلگىرىلەپ تارايتىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەرنى ئارتىپ، تۈرمىلەرگە ئېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
بۈگۈن، يەنە، خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىمۇ يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ دوكلاتتىمۇ دۇنيادىكى ژۇرنالىستلار ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتايدا ھازىر كەم دېگەندە 38 نەپەر ژۇرنالىست تۈرمىدە بولۇپ، ئۇ ئەكبەرجان جامال، مەمەتجان ئابدۇللا، نىياز قاھار، گۈلمىرە ئىمىن، غەيرەت نىياز، نىجات ئازاد ۋە شۇنداقلا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.