گۇيجۇدا ئېتىلداق زاۋۇتى پارتلاپ 6 ئادەم ئۆلدى، 10 ئادەم يارىلاندى
2016.02.02
1-فېۋرال گۇيجۇدىكى ئېتىلداق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 6 ئادەم ئۆلۈپ،10 ئادەم يارىلانغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئېتىلداق زاۋۇتى گۇيجۇ ئۆلكىسى ۋېينىڭ ناھىيىسى بەندىي يېزىسىغا جايلاشقان ئائىلىۋى ئېتىلداق زاۋۇتى بولۇپ، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيىتى يوق ئىكەن. نۆۋەتتە پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان.
گۇيجۇدىن چىقىدىغان «شىڭداۋ كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش كېچىدە يۈز بەرگەن. خەۋەرگە قوشۇپ بېرىلگەن نەق مەيدان سۈرەتلىرىگە قارىغاندا، پارتلاشتىن كېيىن زاۋۇت پۈتۈنلەي تۈپ-تۈز بولۇپ كەتكەن.
مەزگىلىدە ئېتىلداق ئېتىش خىتاي خەلقىدە ئومۇملاشقان چاغان يوسۇنلىرىدىن بىرى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2000-يىللارنىڭ دەسلىپىدە بىر بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئېتىلداق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان پارتلاش، ئوت كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇھىتنى بۇلغىشىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن چاغاندا ئېتىلداق ئېتىشنى چەكلىگەن.
ھالبۇكى بۇ خىل چەكلىمىلەر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.









