خىتاي بىر چەت ئەل مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنى «ئەنگىلىيە جاسۇسى» دەپ قولغا ئالغان
2024.01.09
خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگانى بولغان خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 8-يانۋار، يەنى دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى بىر چەت ئەل مەسلىھەتچىلىك شىركىتى مەسئۇلىنىڭ «ئەنگىلىيە ھەربىي ئىستىخباراتى 6-باشقارمىسى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان» لىقى سەۋەبىدىن قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «ئۈندىدار» ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، ئەنگىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات 6-باشقارمىسى چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خۇاڭ فامىلىلىك كىشى ئارقىلىق «ئىستىخبارات ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينىڭ «ئەنگىلىيە جاسۇسى» دەپ ئەيىبلىگەن بۇ كىشىنى «خىتاي جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا چەت ئەل جاسۇسلىرىنى پاش قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان بىر ۋاقىتتا قولغا ئېلىشى، دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بەزى چەت ئەل مۇپەتتىش شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىلىرىنىمۇ «جاسۇسلۇق» گۇمانى بىلەن ئاختۇرغانلىقى ۋە ئىشخانا خىزمەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ سوراققا تارتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئەھۋال ئەزەلدىن ئىنتايىن قىيىن بولغان شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق چەت ئەل شىركەتلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «ئۈندىدار» دىكى ئۇچۇرىدا، خۇاڭ فامىلىلىكنىڭ «بۇيرۇققا بىنائەن جامائەتكە ئاشكارا سالاھىيىتىنى قالقان قىلىپ، خىتايغا بىر قانچە قېتىم كىرگەنلىكى ۋە ئەنگىلىيە ئۈچۈن خىتايغا ئائىت ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلىغانلىقى، شۇنىڭدەك ھەربىي ئىستىخبارات 6-باشقارمىسى ئۈچۈن ئادەم قوبۇل قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خۇاڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 پارچە ئۇچۇرنى ئەنگىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات 6-باشقارمىسىغا يەتكۈزگەن ئىكەن. خىتاي مەزكۇر «ئەنگىلىيە جاسۇسى» نى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئاۋۋال، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىدىن ھۇشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان. ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى ئۆتكەن يىلى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىپلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.