خىتاي ئالما تېلېفونىنىڭ ئىنجىل ۋە قۇرئان ئەپلىرىنى چەكلىگەن
2022.04.18
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام ۋە خرىستىئان دىنلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، بۇ دىنلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا كىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالما تېلېفونىنىڭ قۇرئان ۋە ئىنجىل ئەپلىرىنىمۇ چەكلىگەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى 18-ئاپرېل ئەنگلىيەدىكى «ئېكسپرېس» گېزىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئالما تېلېفونىدىكى قۇرئان ۋە ئىنجىل ئەپلىرىنى چەكلىشى ئۆتكەن يىلى باشلانغانىكەن. «ئېكسپرېس» گېزىتىنىڭ خەۋىرى خرىستىئانلار 17-ئاپرېل ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تىرىلىش كۈنى بولغان پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىگەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.
«ئېكسپرېس» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئالما شىركىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ئىككى ئەپنى خىتايدىكى ئالما تېلېفونىنىڭ ئەپ دۇكىنىدىن چىقىرىۋېتىشى ئۇ دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. ئالما شىركىتى ئىلگىرى بۇ ئىككى ئەپنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىز يەرلىك قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا ھۆكۈمەتلەر ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن توغرا يولدا بىرلىككە كېلەلمەيدىغان مۇرەككەپ مەسىلىلىرىمىز بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەنىدى. «ئېكسپرېس» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، «قۇرئان مەجىد» ناملىق قۇرئان ئېپى خىتايدا بەش مىليوندىن ئارتۇق، «زەيتۇن دەرىخى» ناملىق ئىنجىل ئېپى بىر مىليوندىن ئارتۇق چۈشۈرىلىدىكەنتۇق.
«قۇرئان مەجىد» ئېپىنىڭ ياسىغۇچىسى، ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزلىرىگە خىتاي تور باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قۇرئان مەجىد ئېپىدە «قانۇنسىز مەزمۇنلار بارلىقى» نى بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي تور باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئالاقىدار خىتاي تارماقلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ قۇرئان ئېپىنى ئالما تېلېفونىنىڭ ئەپ دۇكىنىدىن چىقىرىۋېتىشى، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ھېچقانداق ئىنكاسىنى قوزغىمىغان.