كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ۋاتىكاننىڭ خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى خىتايدا خرىستىئانلار، بۇددىست تىبەتلەر ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشقا كۆز يۇمغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ھەرقانداق مۇرىتنى جازالاۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەرگە كۆزىتىش كامىراسى ئورنىتىشى، تىبەت رايونىدا رادىكال سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تىبەت بۇددىستلىرىغا قارشى تۇرۇشى، ئۇنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن دىنىي ئەركىنلىك ۋە پەرقلىقلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىككى تىپىك مىسالى» ئىكەن.
يېقىندا ۋاتىكان خىتاي بىلەن خىتايدىكى كاتولىك چېركاۋلىرىغا 8 نەپەر بىشوپ تەيىنلەش مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭدا نامزاتلارنى خىتاي كۆرسىتىدىغان، ۋاتىكان ئۇلاردىن بىرىنى تاللايدىغان، ئەمما ۋاتىكان يەر ئاستى كاتولىك چېركاۋلىرىغا بىشوپ تەيىنلەشنى توختىتىدىغان بولغان ئىدى.
لېكىن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەگەر ۋاتىكان بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويسا، ئۇ خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قول تىقىشىغا ۋە ئۇنى چەكلىشىگە كۆز يۇمغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بېيجىڭ خىتايدىكى بارلىق پۇقرالارغا دىنىي ئەركىنلىك بەرمىگۈچە، ۋاتىكان ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلماسلىقى كېرەك.»
خىتاي بىلەن ۋاتىكاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 1951-يىلى ئۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن بېرى ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن ئىدى.
