خرىستىئانلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمىنىڭ 4-كۈنى يەنى 28-دېكابىر كۈنى كەچقۇرۇن جېجىياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرىدە دائىرىلەر ئەۋەتكەن ساقچىلار چېركاۋ مۇنارىلىرىدىكى كرېست بەلگىلىرىنى مەجبۇرى ئېلىۋېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
29-دېكابىر رادىئومىز گۇۋاڭدوڭ بۆلۈمىگە ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىر خرىستىئان مۇرىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 7 لەردە 70 تىن ئارتۇق پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى كران ماشىنىسى بىلەن چېركاۋغا كەلگەن ۋە چېركاۋ مۇنارىدىكى كرېىست بەلگىسىنى ئېلىۋەتمەكچى بولغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چېركاۋغا ئالدىن-ئالا ئۇقتۇرۇش قىلمىغىنى ئۈچۈن، چېركاۋدىكى مۇرىتلار پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلاردىن ساقچى كىنىشكىسى ياكى كىملىكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما كىرىستنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن كەلگەنلەر كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشكە ئۇنىمىغاندىن كېيىن، خرىستىئان مۇرىتلىرى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا كەلگەن ساقچىلار ئەھۋالنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كەچ سائەت 10 لاردا چېركاۋ مۇنارىدىكى كرېست بەلگىسى مەجبۇرى ئېلىۋېتىلگەن.
روژدېستۋو مەزگىلىدە يەنە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۇڭ شەھىرىدىكى بىر چېركاۋ دۆلەت زېمىنىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدە چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش قىلماسلىق ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان. نەتىجىدە ئەسلىدە 500 دىن ئارتۇق مۇرىتى بولغان بۇ چېركاۋ، ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، روژدېستۋو كۈنى پەقەت 20-30 ئادەم قاتناشقان كىچىك كۆلەمدىكى دىنىي يىغىلىش قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
خىتايدىكى دىنىي چەكلىمىلەر خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان مەسچىتلەر مۇنارىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئاي بەلگىسىنى ئېلىۋېتىش، بىرنەچچە يىل ئىلگىرى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، مەسچىت مۇنارى، مەسچىت ھويلىسى ھەتتا مەسچىت مېھرابىغا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى قاداش ھەرىكىتى باشلىنىپ، كۇچار قاتارلىق جايلاردا بۇ بۇيرۇق مەجبۇرى ئىجرا قىلىنغانلىقى ھەققىدە رادىئومىز خەۋەر بەرگەن ئىدى.