خىتاي تور پايلاقچىلىرىغا بېرىدىغان مۇكاپات سوممىسىنى 100 مىڭ سومغا چىقارغان

خىتاي ھۆكۈمىتى توردىكى «تېررورلۇق» مەزمۇنلار ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن تور پايلاقچىلىرىغا بېرىدىغان مۇكاپات پۇلىنى 100 سومغا چىقارغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى توردىكى «تېررورلۇق» مەزمۇنلىرىنى پاش قىلغان پايلاقچىلارغا 2 مىليون سوم تارقاتقان. بۇ يىل ئۇلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە قاراپ 100 سومغا قەدەر مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

خىتاي تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا، «تور تېررورچىلارنىڭ رادىكال دىنىي ئىدىيەلەرنى تارقىتىدىغان، مىللىي توقۇنۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئاساسلىق قانىلىغا ئايلاندى» دېگەن.

لېكىن د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ «تور تېررورلۇقى» دېگىنى بىر باھانە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى نىشانى ئۇيغۇر تورلىرىنى كونترول قىلىش، پىكىر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، قارشى پىكىردىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشتۇر.

خىتاي دۆلەتلىك تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئەمەلدارى، «تېررورچىلار» مىكرو بلوگ، ئۈندىدارغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، قىزلار ۋە بالىلارنىڭ «مېڭىسىنى يۇيۇۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تور ئارقىلىق تارقالغان رادىكال ئىدىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما د ئۇ ق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خىتاينىڭ سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.