خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 78 نەپەر ئاكادېمىكى بىرلىكتە ئىمزالىق خەت يېزىپ، شى جىنپىڭدىن ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان
2016.06.06
تېخى يېقىندا ئاخىرلاشقان خىتاي پەن-تېخنىكا يىغىنىدا كۆپلىگەن ئالىملار ئوچۇق-ئاشكارا مەيدانغا چىقىپ، دائىرىلەرنىڭ ئىنتېرنېت قامالىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىن يېپىلىشى بىلەن تەڭ، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 78 نەپەر ئاكادېمىكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت يازغان. ئۇلار مەزكۇر خەتتە چەتئەل تورلىرىنى توسماسلىقنى، خەلقئارادىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن ئەركىن ھالدا بەھرىمەن بولۇشنى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۇنيادىكى ئىنتېرنېت قامالى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، ھەر يىلى ئىنتېرنېتتا «مۇداپىئە تېمى» ياساپ، سىرتتىن كىرىدىغان ئۇچۇرلارنى قامال قىلىش ئۈچۈن ھەددى-ھېسابسىز ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلىدىكەن.
خىتاينىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەركىن پىكىر ئېقىمىنى توسۇش ئۈچۈن تام سېلىشى نەتىجىسىدە خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر دۇنياۋى تور ئېقىمىدىن ئايرىلىپ، رايون خاراكتېرلىك تور چەكلىمىسى ئىچىدە بوغۇلۇپ قالغان. بۇ ھال خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىگىمۇ زور چەكلىمە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشىغا توسقۇنلۇق تۇغدۇرماقتىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر ئوچۇق خەتكە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتىكەن.









