ئەركىنلىك سارىيى: «خىتاي ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىدىغان دۆلەت»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.11.15

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىدىغان دۆلەت، دەپ كۆرسەتتى. ئەركىنلىك سارىيى دۈشەنبە كۈنى 2016-يىللىق ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىك ئەھۋالى باھالاپ چىقىلغان. خىتاي، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ باھالىنىپ رەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يەر ئالغان.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان زۇلۇمى ئىران ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى سۈرىيەدىنمۇ ئېغىر بولۇپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى قانۇنى» ئارقىلىق توردىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تور ھەرىكەتچانلىقىغا قاتتىق زەربە بەرگەن.

دوكلاتتا، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ توردا پەقەت دىنىي ئۈن‏-سىن ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا قاماققا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى مېدىلىن ئېرپ خىتايدىكى ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى. بۇ بەلگىلىمىلەردە، چەكلەنگەن تورلارغا تام ئاتلاپ كىرگەن كىشىلەرنىڭ 2‏-دەرىجىلىك تېررورلۇق بىلەن جازالىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.