خىتايدا ئىشسىزلىق ئارتىش بىلەن تەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىمۇ ئازلىغان

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى خىتايدا ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشىدىمۇ قاتتىق تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 3-يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى 2016-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن. بۇ، خىتايدا ساقلىنىۋاتقان پۇل قىسلىقى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ سۇسلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ 38 مۇھىم شەھىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ يېڭى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرگە بېرىدىغان ئوتتۇرىچە مائاشى 2023-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.3 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، 10 مىڭ 420 يۈەنگە چۈشۈپ قالغان.

«بىلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ، خىتايدا مائاشنىڭ 2016-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ تۆۋەنلىشى بولۇپلا قالماي، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن؛ مائاشنىڭ بېيجىڭدا 2.7 پىرسەنت، گۇاڭجۇدا 4.5 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكى، خىتاينىڭ 2024-يىلى پۇل قىسلىقىغا دۇچ كېلىش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» دە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئەمگەك بازىرىدىكى چېكىنىش ئاھالىلەرنىڭ پۇل خەجلەشنى ئازايتىشىنى، شۇنىڭدەك يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەۋاتقان ئىستېمال باھاسىنىڭ چۈشۈش بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرىدىكەن. خەۋەردە، بۇنىڭ خىتايدا ئۈزلۈكسىز كاساتلىشىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا زىيان سالىدىغانلىقى، چۈنكى بۇنىڭ، پۇقرالارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشنى كېچىكتۈرۈپ، قەرز ئېلىشتىن قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

خەۋەردە، خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن يىل 11-ئايدا ئېلان قىلغان «ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى» دەلىل قىلىنىپ، خىتاي ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.