خىتايدا قامالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ قىزى ئامېرىكىغا كەلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.02.02

چەتئەللەردىكى خىتاي ئاخباراتلىرىدىن «بوشۈن» تورىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 10 ئاي بولغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن يۈنفېينىڭ قىزى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن 31-يانۋار ئامېرىكىغا سالامەت يېتىپ كەلگەن.

ئامېرىكىدىكى «خىتاي ئىنسانپەرۋەرلىكى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇ فېڭسو 2-فېۋرال «فېيسبوك» قا يوللىغان ئۇچۇرىدا يۇقىرىقى خەۋەرنى دەلىللىگەن ۋە مۇنداق دېگەن:«بۇ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چېن يۈنفېي قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان قاراڭغۇ كۈنلەردىكى كىچىككىنە تەسەللى.»

مەلۇم بولۇشىچە، چېن يۈنفېي قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق كىشى 2015-يىلى 25-مارت سىچۈەننىڭ شىنزې ناھىيىسىدە 1989-يىلدىكى«4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» قۇربانلىرىنى خاتىرىلەپ، پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىن چېن يۈنفېيغا «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» جىنايىتى ئارتىلغان.

ئامېرىكىدىكى «خىتاي ئىنسانپەرۋەرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خرىستىئان مۇرىتلىرىغا ياردەم بېرىشنى ئاساسلىق نىشانى قىلغان بۇ تەشكىلات، چېن يۈنفېينىڭ قىزى چېن شىنىڭ ئامېرىكىدىكى تۇرمۇش ۋە ئوقۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.