خىتايدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان چېن تەيخې ئامېرىكىغا يېتىپ كېلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن تەيخى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا قولغا ئېلىنغان. ئۇ قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئەنگلىيەنىڭ قانۇن سىستېمىسى ئۈستىدە يۈرگۈزگەن تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا يېزىپ تەييارلىغان «ئەڭ ئاساسىي ھوقۇق» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان ۋە كېيىن ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن.
بىراق ئۇ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش» دېگەن جىنايەت گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر ئاي سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن، نامەلۇم بىر جايدا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلغان.
ئامېرىكىدىكى «دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېن تەيخى ساقچىنىڭ ئۆزىگە قاراتقان تەقىبى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پاسپورت ئېلىپ ئۆتكەن ھەپتە سان فرانسېسكو شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.
چېن تەيخى «دىئالوگ فوندى تەشكىلاتى» ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق ھۆرمەت قىلىنىدىغان ۋە دۆلەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ۋە شۇ كۈنلەرنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
