خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي جۈمە كۈنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 12 دۆلەتنىڭ پەيشەنبە كۈنى ب د ت دا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ھېچقانداق دۆلەت مۇكەممەل ئەمەس» دېگەن.
خوڭ لېي ئامېرىكىنى تەنقىدلەپ: «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ۋە ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر مۇداخىلە قىلدى» دەپ كۆرسەتكەن.
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىرېلاندىيە قاتارلىق 12 دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
خىتابنامىدە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قولغا ئېلىشى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنى باستۇرۇشى، ئۇنىڭ خىتاي چېگراسى سىرتىدىكى چەتئەل ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى تۇتۇپ ئاپىرىپ سولاش ھەرىكەتلىرىنى خىتاي قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ، دەپ ئەيىبلىگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەيشەنبە كۈنكى يىغىنىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى رئاد ئەل-ھۆسەيىن، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىن «داۋاملىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.
خوڭ لېي جۈمە كۈنى يەنە، خىتاينىڭ «خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى خىتاينىڭ رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق يولىنى تاپقانلىقى ۋە كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
