گۇاڭجۇدا سىياسىي مەھبۇسنى سوتلاش ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى

گۇاڭجۇ، ۋۇخەن قاتارلىق ئىككى جايدىكى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىلىرى 8-ئاپرېل جۈمە كۈنى شې ۋېنفېي قاتارلىق 6 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» جىنايىتى بىلەن سوتلاش ھارپىسىدا، يەنى 7-ئاپرېل كەچقۇرۇن گۇاڭجۇ سەنيۈەنلى مېھمانخانىسىغا يىغىلغان 10 نەچچە نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەق مەيداندا ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەر ساقچىلارنىڭ ئىككى ساقچى ئاپتوموبىلىدا كېلىپ مېھمانخانىدىن خې لىن، لى شاۋلىن قاتارلىق 10 نەچچە كىشىنى بىراقلا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ مېھمانخانا ئەتراپىغا توپلانغانلارنىڭ كىملىكىنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر تۇتقۇن قىلىنغان بۇ 6 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى سوتلاش ھەققىدىكى خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خوڭكوڭدىكى «خوڭكوڭدا خەلق دېموكراتىيە بىرلەشمىسى» 8-ئاپرېل سوت ئېچىلىدىغان كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا ئىشخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 6 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.