خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇخبىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سوئالىغا نارازى بولدى
2016.06.02
كانادا مۇخبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سوئالى كانادادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى خاپا قىلغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قوزغىدى.
1-ئىيۇن كۈنى كانادادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كانادادىكى ئىپولىتىكس تور گېزىتى مۇخبىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، نۆۋەتتە خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادالىق سودىگەر كېۋىن گاررات ۋە خوڭكوڭلۇق كىتاب سودىگىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئالىغا نارازى بولۇپ، مۇخبىرنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقنىڭ «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كانادا زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سوئال سورىغان مۇخبىرنى ئەيىبلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ يى تەرجىمان ئارقىلىق ئۆزىدىن سوئال سورىغان ئايال مۇخبىرنى ئەيىبلەپ «سېنىڭ سوئاللىرىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولغانلىقىڭنى ياكى جۇڭگوغا قارشى مەيداندا ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرىدۇ... بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھېچقانداق كىشى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىدەك ئېنىق بىلمەيدۇ!» دېگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ۋاڭ يى كانادالىق ئايال مۇخبىرنى ئۇ سورىغان كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سوئاللىرى ئۈچۈن ئەيىبلەپ بىر قاتار رىتورىك سوئاللارنى سورىغان نەق مەيداندا يەنە كانادانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېپېن دىئونمۇ بار ئىكەن.









