«گو فېيشيۇڭغا كۆڭۈل بۆلۈش» ناملىق بىر خەلقئارا پىدائىيلار گۇرۇپپىسى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ گۇاڭجۇ تۈرمىسىدە ئاچلىق ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گو فېيشيۇڭنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر گۇرۇپپا چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، بۇ ئورگانلارنىڭ خىتاي بىلەن سۆزلىشىپ، گو فېيشيۇڭنىڭ تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشىغا يول قويۇشنى، ئۇنىڭ ھەر خىل ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى، ئۇنىڭ ھەدىسىنىڭ گو فېيشيۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ئاچلىق ئېلان قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشقا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
گو فېيشيۇڭنىڭ گۇاڭجۇ ياڭچۈن تۈرمىسىدە چەكلىك ئاچلىق ئېلان قىلغىنىغا بۈگۈن 37 كۈن بولدى. ئۇنىڭ ھەدىسى تۈرمىگە كىرىپ، ئۇنى ئاچلىق ئېلان قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇ تەلەپنى رەت قىلغان.
گو فېيشيۇڭغا كۆڭۈل بۆلۈش گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ھاياتى جىددىي خەۋپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئوچۇق خەتتە، گو فېيشيۇڭنىڭ بىخەتەرلىكى ئۇنىڭ شەخسى مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، «بۇ خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىنىڭ تىمسالى» دېگەن. گو فېيشيۇڭ، 2013-يىلى 8-ئايدا «خەلقنى توپلاپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان» دەپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.
