6-ئىيۇل 3 خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى، خىتاي دائىرىلىرىنى قولغا ئېلىنغان ئادۋوكات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر ئوچۇق خەت 12-ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان. ئوچۇق خەتنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى قاتارلىق 3 تەشكىلات ئېلان قىلغان.
ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر باشلىقلار يىغىنى خىتايدا 2015-يىلى 9-ئىيۇل باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئۇلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ۋە باشقا قوپال مۇئامىلىدە بولۇشنى توختىتىشقا چاقىرىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور.»
ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىنىڭ، تور بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ جىددىي ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇق قانۇنىدا «تېررورلۇق» بىلەن «رادىكاللىق» دىنغا باغلاپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە بۇددىست تىبەتلەرنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت ئېتىقادى سەۋەبلىك جازالىنىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.
ئوچۇق خەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى تۇسكتىن ليۇ شاۋبو، ئىلھام توختى، تاشىى ۋاڭچۇق قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش، خىتاينىڭ تېررورلۇق، دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنلىرىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.
