ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن خىتاينى مۇستەقىل ئاخبارات ۋە ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ ئەركىنلىكىگە يول قويۇشقا چاقىردى
2016.07.07
ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى مۇستەقىل ئاخبارات ۋە پۇقرالار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەركىن تەرەققىياتىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.
ئۇ بان كىمۇن بىلەن ۋاڭ يى پەيشەنبە كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. لېكىن يىغىندا ۋاڭ يى بان كىمۇننىڭ چاقىرىقىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
بان كىمۇن 6-ئىيۇل خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇنىڭغا مەكتۇپ يېزىپ، بان كىمۇننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، بان كىمۇننىڭ بۇ سەپىرى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بان كىمۇن پەيشەنبە كۈنى يەنە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقان.
بان كىمۇن ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ داۋاملىق ئىسلاھات دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلارنى خىتاي پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ ئىجابىي تەرەققىياتىغا زۆرۈر بوشلۇق يارىتىپ بېرىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ يەنە مۇھىت ئاسرىغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان.