خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئادۋوكاتلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا، قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلغان. ئاز دېگەندە 248 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تۇتقۇن قىلىنغان. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئاقلىغان ليۇ شاۋيۈەن قاتارلىق ئادۋوكاتلار بار ئىدى.
تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن 17 كىشى ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلاردىن ھازىر 8 كىشى «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتىكەن.
باياناتتا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىشلىرى دىرېكتورى روزان رايىف مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى خىتاي مەخپىي باستۇرۇش ماشىنىسىنىڭ شىددەتلىك غەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلار قويۇپ بېرىلىشى، خىتاي خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغان بۇ كىشىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان سىستېمىلىق ھۇجۇمغا خاتىمە بېرىلىشى شەرت.»
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىنى تەنقىد قىلغان.
باياناتتا كۆرسىتىشىچە، بۇ قانۇنلار ئۆزىنىڭ دىنىي ئىبادىتىنى بەجا كەلتۈرگۈچىلەر ياكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ «تېررورلۇق»، «رادىكاللىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالىنىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.
