خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى 7 يېرىم يىللىق كېسىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.08.03

چارشەنبە كۈنى تيەنجىن شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان بىر سوتتا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ شىگېن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى» بىلەن 7 يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سوتتا ئۇنىڭغا «ئاغدۇرمىچىلىق ئىدىيىسىنى تارقىتىش» جىنايىتى ئارتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سوتى ئېچىلغان مەھكىمە ئەتراپىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان.

تيەنجىن شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا جاۋابكارنىڭ ھۆكۈم ئۇستىدىن شىكايەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاخباراتى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە خۇ شىگېننىڭ «سوت، جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكمەكچى بولغان» لىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە يەنە ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىددىيەنى باشقىلارغىمۇ سىڭدۈرمەكچى بولغانلىقى ئېيتىلغان.

خۇ شىگېن 1991- يىلى «خىتاي ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى» نى قۇرغان ۋە 1992- يىلى « تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقى سەۋەبلىك 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ 2008- يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 2014-يىلى يەنە بىر قېتىم تۇتۇلۇپ بىر نەچچە ھەپتە قاماقتا ياتقان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 9 ‏- ئىيۇل باشلىغان ئۆكتىچىلەرنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىدە 300 نەپەرگە يېقىن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە پائالىيەتچىسىنى قولغا ئالغان. بۇلاردىن بىر قىسمى تەنبىھ ۋە تەھدىتلەر بېرىلگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسمى تا ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

خۇ شىگېنمۇ يۇقىرىقى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۆتكەن يىلى قولغا ئېلىنغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇلار ئۈستىدىن بۇ ھەپتىدىن باشلاپ سوت ئېچىشقا باشلىغان. سەيشەنبە كۈنى تيەنجىن شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئېچىغان سوتتا بېيجىڭدىكى فېڭرۇي ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ باشلىقى جەي يەنمىن «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا دەخلى يەتكۈزۈش» جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتقان ۋە 4 يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان 3 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.