بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەئىد رئاد ئال ھۈسەيىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى سوتقا تارتىش ھەرىكىتىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى جەنۋەدە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ 300 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنى تۇتقۇن قىلغان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تەنبىھ ۋە تەھدىتلەردىن كېيىن قويۇپ بىرلىگەن بولسىمۇ، يەنە 20 نەچچە نەپىرى تۈرمىدە ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ بۇلاردىن 4 نەپىرىنى سوتقا تارتقا ۋە ئالدىنى يەتتە يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئالىي كومىسسار زەئىد رئاد ئال ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: « بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلارنىڭ ئۆچ ئېلىش، تەھدىت سېلىش، ئازابلاشقا ئۇچرىماسلىقىغا ۋە ياكى ئۆزنىڭ قانۇنلۇق خىزمەتلىرى ئۈچۈن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز.»
ھۈسەيىن ئەپەندىم ئىيوردانىيەلىك سابىق دىپلومات بولۇپ، ئۇ ئىككى يىل ئاۋۋال ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
ئۇ، بۇ يىل فېۋرالدىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەندىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
