كانادالىق دىپلومات خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-09-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گاي سېنت جاكۇئىس خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلغان.

كانادانىڭ «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىپلومات جاكۇئىس سۆزىدە شى جىنپىڭ مەزگىلىدە خىتاي پۇقرالىرى ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە «يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە كۆرگەنلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، ئەپسۇسكى خىتايدا ئىشلار كەينىگە چېكىنىۋاتىدۇ. كانادا پۇرسەت تاپسىلا خىتايغا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ كەلدى» دېگەن.

ئۇ بۇ سۆزنى كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن تېرېدۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان.

مەزكۇر گېزىت خەۋىرىدە، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئادەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى قاتتىق تەنقىدلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر دىپلوماتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا شى جىنپىڭنى تەنقىدلىشىنىڭ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللىقى، بۇنىڭ خىتاينىڭ چىشىغا تېگىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرگەن.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ رەسمىي مەتبۇئات ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى دەرھال كانادا دىپلوماتىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ، «ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى غەربنىڭ ئەزەلدىن خىتايغا تۇتۇپ كەلگەن ھاكاۋۇر ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىدىن پەيدا بولغان» دەپ يازغان ۋە كانادانىڭ مەسىلىلىرىنى سۆرەپ چىقىپ، كانادادىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھازىرغىچە پاجىئەلىك شارائىتلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت