خىتايدا «ياۋروپا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يىغىنى» ئېچىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.10.04

فىرانسىيە يېڭى كىشىلىك ھوقۇق بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى پېررىي بېركىس خىتايدا ئېچىلغان بىر يىغىندا ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا ھۆرمەت قىلىشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتە «خىتاي - ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يىغىنى» ئېچىلغان. يىغىنغا خىتاينىڭ ئىچى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار قاتنىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەتلەشكەن. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان فىرانسىيە يېڭى كىشىلىك ھوقۇق بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى پېررىي بېركىس سۆزىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بىرلا خىل مەدەنىيەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتىدىغان، مەدەنىيەت جەھەتتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرىكەت ۋە خاھىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان.

خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي يۈيىڭ بولسا يىغىندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولغانلىقىنى، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت ۋە دىنى ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنخۇا تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۆپرەك تەكىتلىگەن ۋە خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدىكى نامراتلارنىڭ سانىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، « خىتايدىكى سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەتلىرى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى» دېگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي، دىنى بېسىم سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خەلقئارادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەڭ ئېغىر تەنقىد قىلىنىپ كېلىۋاتقان ساھەلەردۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.