شى جىنپىڭ داۋاملىق دەۋر سۈرسە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تېخىمۇ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىكەن
2022.10.14
ئامېرىكادىكى «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 10 يىلدىن بۇيان خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە ۋە ئۆز شەخسىيىتىگە بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقتىن ئۆچ ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا كۈچىيىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر مۇستەبىتلىك قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەڭ ئالدى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغىنى دېموكراتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار بولىدىكەن.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەر قانداق پىكىر ياكى ھەرىكەتنى «جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دەپ قاراپ، باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. شۇنداق بولسىمۇ 13-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن شوئار ئېسىش قارشىلىقى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شى جىنپىڭغا بولغان نەپرىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى دەرھال يىغىشتۇرغان.
2015-يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋاڭ يۈ تۇتقۇن قىلىنغاندا خىتاينىڭ قانۇن ساھەسى تەۋرەپ كەتكەن، 300 نەچچە ئادۋوكات تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بۇ «709باستۇرۇشى» دەپ ئاتالغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، ‹709 باستۇرۇشى› شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىدىن بىرنى كۆرسىتىپ بەردى: ئۇ قانۇنغا ھۆرمەت قىلمايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋاڭ يۈنىڭ تەقدىرى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر زىيالىيسى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولغانىدى. ۋاڭ يۈ تۇتۇلغاندىن كېيىن، ھېچقانداق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۆزىنى ئاقلايدىغان ئادۋوكات تاپالمىدى. ئۇيغۇر رايونىدا كومپارتىيە خالىغىنىنى قىلىدىغان بولدى، بۇ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ ‹قانۇن بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش› دېگەنلىرى ئۈچۈن قاتتىق مەسخىرە».