فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي زىيارىتىدە ئىلھام توختى ۋە ليۇ شاۋبونى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.10.27

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى خىتايدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئىلھام توختى ۋە ليۇ شاۋبو قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېن مارك ئايرۇلت 29-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ۋە ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا چاقىرىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «فىرانسىيە رەھبەرلىرى خىتايغا قىلغان ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپلا ئۆتۈپ كەتتى. فىرانسىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇننى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئېلىشى كېرەك. فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى ئورۇنسىز يەردە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە نوبېل مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبولارنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىشى كېرەك.»

باياناتتا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن خىتاي پۇقرالىرى ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى ۋە 300 دىن ئوشۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.