خىتاي ساقچى دائىرىلىرى جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ساختا كىملىك ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخباراتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بىر قانچە ھەپتە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

جياڭ تيەنيوڭ 21‏-نويابىر كۈنى چاڭشا شەھىرىگە شۇ جايدىكى قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شيې ياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلغىلى بارغان بولۇپ، ئۇ قايتىپ كېلىش ئۈچۈن پويىزىغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئايالى بىلەن ئالاقىلەشكەن. بىراق، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چاڭشا ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئادۋوكاتىغا جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ساختا كىملىك بىلەن پويىز بېلىتى ئالغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئادۋوكات بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغاندا ئۇلار بۇنى رەت قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 6-دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنى سۈرۈشتە قىلغان. 10-دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئۆمىكى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.