كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ساقچى قانۇن لايىھىسىنى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ماسلاشتۇرۇپ قايتا يېزىپ چىقىشقا چاقىردى.
مەزكۇر تەشكىلات چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدىكى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەرنىڭ كەڭ تارقىلىپ، جەمئىيەتتە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ يېڭى قانۇن لايىھىسىنىڭ مۇشۇنداق زوراۋان ساقچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ يولسىزلىقلىرىغا يەنىمۇ كەڭ يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قانۇن لايىھىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىغان : بۇ قانۇن لايىھىسى ساقچىلارنىڭ قورال كۈچىنى كەڭ-كۇشادە ئىشلىتىشىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ. لايىھىدىكى ساقچىلارنىڭ قورال كۈچى قوللىنىشىنى ھەقلىق قىلىدىغان ئۆلچەملەر خەلقئارالىق ئۆلچەملەردىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن. جۈملىدىن ئۇ تىنچلىق بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى قىلغان ھەم خىتاي كومپارتىيىسىنى ئەيىبلىگەنلەرگىمۇ قورال ئىشلىتىش ئىمكانى تۇغدۇرىدۇ. ئۇ شۇنىڭدەك، ساقچىلارنىڭ خالىغانچە ئىنتېرنېت ۋە شۇنىڭدەك باشقا خىل ئالاقە قوراللىرىنى تەكشۈرۈشىگە ۋە ھەتتا توختىتىپ قويۇشىغا يول ئېچىپ بەرگەننىڭ ئەكسىچە،
ساقچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان قۇدرىتىنى چەكلەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس.
تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون باياناتتىكى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىلارنىڭ قۇدرىتىگە چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق، ئۆز پۇقرالىرىنى زومىگەرلىكتىن قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.